دۇنياغا داڭلىق تۈرك تارىخچى، تۈركولوگ، شەرقشۇناس ھەمدە سىياسىيون زەكى ۋەلىدى توگان

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى ھېلىھەم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتقان سەركە زىيالىي زەكى ۋەلىدى توگان ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2143328
دۇنياغا داڭلىق تۈرك تارىخچى، تۈركولوگ، شەرقشۇناس ھەمدە سىياسىيون زەكى ۋەلىدى توگان

دۇنياغا داڭلىق تۈرك تارىخچى، تۈركولوگ، شەرقشۇناس ھەمدە سىياسىيون زەكى ۋەلىدى توگان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: باشقۇرت تۈركلىرىدىن بولغان زەكى ۋەلىدى توگان، تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن <ئېنسىكلوپېدىك ئالىم> دەپ ئاتالغان سەركە زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئەھمەد زەكى ۋالىدوۋ بولۇپ، 1890-يىلى 10-دېكابىر باشقۇردىستاننىڭ كۈزەن يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپىنى كۈزەندىكى چوڭ مەدرىستە ئوقۇغان توگان، بىر تەرەپتىن رۇسچە ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاپىسىدىن پارسچە، ئاتىسىدىن ئەرەبچە ئۆگىنىدۇ. چوڭ تاغىسى ۋەلى موللانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، تارىخقا بولغان قىزىقىشى ئاشقان توگان، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ئېپوسلارغا ئاساسەن، تەرجىمىھال ۋە تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئىستانبۇلدىن كەلگەن كىتابلارغىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. 1902-يىلى ئۇ قوشنا يېزىدىكى مەدرىسكە بېرىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دادىسىنىڭ ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ، يېزىسىغا ئىمام قىلىپ تەيىنلەش ئارزۇسىدىن ۋاقىپ بولغان توگان، ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان قەدىمىنى تاشلاپ، قازانغا قېچىپ بېرىپ، قاسىمىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا پارسچە، ئەرەبچە، رۇسچە ۋە تۈركچە ئۆگەنگەن، يېتىشكەن بىر ياش سۈپىتىدە ھاياتىنى باشلايدۇ. توگان ئۇ يەردە مەشھۇر رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن كاتانوف ۋە ئاشمارىن قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئالىملار بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇ ئۆزى پۈتتۈرگەن قاسىمىيە مەدرىسەسىدە «تۈرك تارىخى ۋە ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى» ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ، 1911-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنغان «تۈرك ۋە تاتار تارىخى» ناملىق كىتابى بىلەن تونۇلىدۇ. بۇ ئەسىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان توگان، قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخولوگىيە ۋە تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان توگان، 1912-يىلىدىن باشلاپ ماناس داستانى ۋە ئىبنى خالدۇننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەدە نام قازىنىدۇ. توختىماۋسىز ئىشلەيدىغان مىجەزى بىلەن تونۇلغان بۇ ئالىم، 1913-يىلى پەرغانىگە، 1914-يىلى بۇخاراغا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ پەرغانەدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنى تېپىش ئارقىلىق ئىلىم-پەن دۇنياسىغا غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ. 1915-يىلى ئۇفا خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزالىرىغا ياردەم قىلىدۇ ۋە رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرىشىنى باشلايدۇ. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى باشقۇرت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، توگان ھەربىيە نازىرى (ئۇرۇش مىنىستىرى) بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ لېنىن، ستالىن ۋە تروچكىي قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشسىمۇ، ئەمما ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، تۈركىستانغا چېكىنىپ، كۈرەشنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ۋە تۈركىستانغا بېرىپ، باسمىچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە ئۇنىڭ تۈركىستاندا ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمۇ مەلۇم. ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق تۈركىستان رايونىدا <تۈركىستان مىللىي بىرلىكى> ناملىق بىر تەشكىلات قۇرىدۇ. 1922-يىلى ئەنۋەر پاشا شېھىت بولغاندىن كېيىن، ياۋروپاغا بېرىپ، تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ دەۋاسىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ. كامبرىج، پارىژ ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئىشلەش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، زەكى ۋەلىدى توگان تۈركىيەدە ئىشلەشنى تاللايدۇ. ئۇ ياۋروپادىن ئىستانبۇلغا كەلگىنىدە، بىرىنچى بولۇپ فاتىھ كۇتۇپخانىسىغا بارىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇ يەدە <ئومۇمىي تۈرك تارىخى> بۆلۈمىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ 1925-يىلى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى تەتقىقاتى 1932-يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەينى چاغنىڭ مۇھىم گېزىت-ژۇرناللىرىدا سالمىقى ئېغىر ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. كېيىن ياۋروپادا يەتتە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن زەكى ۋەلىدى توگان، 1939-يىلى يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەشكە باشلايدۇ. 1944-يىلى ئۇ <تۇرانچىلىق (تۇرانىزم) ھەرىكىتى>گە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، 15 ئاي تۈرمىدە ياتىدۇ. 1947-يىلى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1948-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىگە قايتىدۇ. 1970-يىلىغىچە ئۇ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپىنى لايقىدا ئورۇندايدۇ. ھاياتىدا 28 مۇھىم خەلقئارالىق قۇرۇلتايدا ئىلمىي ماقالىلىرىنى سۇنغان توگان، ئەنگلىيە، ئىران، ئىتالىيە، ھىندىستان، فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيەلەرگە بارىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ئىشلىگەن زەكى ۋەلىدى توگان، 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ ۋە قاراجائەھمەد قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن زەكى ۋەلىدى توگان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بېسىپ چۈشۈش مۇمكىن بولمىغان بىر-بىرىدىن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى؛ ھاياتىنى تۈرك مىللىتىنىڭ بىرلىكىگە بېغىشلىغان توگاننىڭ ئارقىسىدا ئىككى پەرزەنتى، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تەربىيەلىگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە 337 پارچە قىممەتلىك ئەسىرى قالدى.

 

مەنبەلەر:

1. ACAR, Serkan, (Ed.), Zeki Velidi Togan, İlmi Hayatı, Eserleri, Siyasi Faaliyetleri, Hatıralar, Akçağ Yayınları, Ankara, 2017.

2. BAYKARA, Tuncer, Zeki Velidi Togan, Kültür Bakanlığı Yayınları, Ankara, 1989.

3. https://islamansiklopedisi.org.tr/togan-ahmet-zeki-velidi

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر