ئەردوغان ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇخبىر بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى (پىرېزىدېنت ۋەكىلى) مۇھەممەد مۇخبىر بىلەن تېلېفونلاشتى.

2142143
ئەردوغان ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇخبىر بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مۇخبىرغا ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكىلەرنىڭ تىك ئۇچار ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ، تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە سەۋر تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئازابلىق كۈنلەردە ئىراننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىران خەلقىنىڭ قايغۇسىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىران بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، رەئىسى بىلەن ئابدۇللاھىياننىڭ تۈركىيە ۋە ئىران مۇناسىۋىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر