ئەردوغان پېتېرسنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسنى قوبۇل قىلدى.
2132675
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مىنىستىر ۋىنستون پىتېرسنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.