تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى

تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

2132760
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى <بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى> دائىرىسىدە، مۇئاۋىن مىنىستىرىمىز باش ئەلچى بۇراق ئاقچاپار بىلەن گىرېتسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كونستانتىنوس فراگكوگياننىس باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن 6-قېتىملىق يىغىنىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزدى.

يىغىندا، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى قېتىملىق يىغىندىن بۇيانقى ئىككى تەرەپلىك سودا، ئىقتىساد، قاتناش، مائارىپ، تېخنىكا، مۇھىت، ساغلاملىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، بۇ قاتارغا ئىلاۋە قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى ۋە بۇ مۇساپىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر