سۇدان كىرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (34)

1977831
سۇدان كىرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى

سۇدان كرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى

سۇدان كىرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (34)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۇدان كرىزىسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

سۇداندا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى توقۇنۇشلار دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىسنىڭ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 2023-يىلى 14- ئاپرېدا، سۇدان ئارمىيەسى تېز سۈرئەتلىك ياردەمچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا بېسىپ كىردى. ھازىر «سۇدان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىدىن باشقا يەنە، ھەمەدتىغا قاراشلىق قىسىملار ئوخشىمىغان ئىككى ھەربىي قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلدى» دەيدىغان قاراش ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرماقتا. بۇرھان ئەمدىلىكتە ھەمەدتىنىڭ قوشۇنلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا، ئەمما بەكلا كېچىكىپ قالغاندەك قىلىدۇ. سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسقا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا خەلق ھۆكۈمىتى، ھەربىي ھاكىمىيەت، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ بار. سوداندىكى مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىقتىسادىي كىرىزىس، چىرىكلىك، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك، دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىدىكى قالايمىقانچىلىق، ئىرقىي ۋە دىنىي توقۇنۇش قاتارلىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتىكى توقۇنۇش سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دۆلەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ سۇدان تېزسۈرەتلىك ياردەمچى قوشۇننىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمەدتى سۇداندا ھەربىي كۈچى كۈچلۈك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرھان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىشى ۋە دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ جىددىيچىلىك سۇداننىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش باسقۇچىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىپ، دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ھەمدە يەنە، سۇداننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسقا ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا سۇدان كىرىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە رايوننى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىشى ئېنىق.

دەرۋەقە، مىسىر نىل دەرياسىدىكى سۇداننىڭ مەنبەلىرىنى كونتىرول قىلىشتىكى ئەندىشەسىنى پەسەيتىش ۋە سۇداندىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىڭ مىسىرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئارىلىشىشى مۇمكىن. چۈنكى سۇدان نىل دەرياسىدا روزىئېر ، سېننار ۋە مېروۋ قاتارلىق توسمىلارنى ياسىدى. سۇداننىڭ سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ۋە سۇداننىڭ دېھقانچىلىق ساھەسىنى سۇغۇرىدىغان بۇ توسمىلار سۇداننىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھميىەتكە ئىگە.  ‎

ئىككىنچىدىن، سۇداننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئېفىيوپىيەنىڭ تىگراي رايونىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سۇدان بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرمەكتە. ئۈچىنچىدىن، سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كىرىزىس. بۇ ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭلاشقا، جەنۇبىي سۇدانمۇ سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسقا ئارىلىشىشى مۇمكىن.

رايون سىرتىدىكى كۈچلەر نۇقتىسدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۇداندىكى بەزى گۇرۇپپىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ۋەجىدىن سۇداندىكى كىرىزىس بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سۇدان كىرىزىسىغا بەكرەك ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئافرىقا بىرلەشمىسى، ئەرەب ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا رايون تەشكىلاتلىرىمۇ سۇداندىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا  ئارىلىشىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ، بارلىق ئارىلىشىشلارنىڭ سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە سۇدان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى تولىمۇ مۇھىم.

بۇ ۋەجىدىن، سۇدان ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىيالوگ ۋە يارىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۇداندىكى پىرقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر سىياسىي جەرياننى باشلاش ۋە قوللاش لازىم. سۇداندىكى توقۇنۇشلارنىڭ سۇداننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل سىياسىي ئىرادە ۋە مۇزاكىرە مۇساپىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، سۇدان لىۋىيەگە ئوخشاش قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

سۇداننىڭ يەنە مىسىر، جەنۇبىي سۇدان ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق قوشنىلىرى بىلەنمۇ مەسىلىلىرى مەۋجۇت. رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى سۇداننىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

خەلقئارا جەمئىيەت سۇداننى قوللاپ، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. لېكىن سۇداندىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ كىرىزىس دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەل قىلىش مۇساپىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە. سۇداننىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بولۇش تەس بولسىمۇ، تىنچ ھەل قىلىش چارىسىغا بولغان ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر