مەسجىدى ئەقسادا تەخمىنەن 250 مىڭ مۇسۇلمان رامىزاننىڭ ئىككىنچى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى

ئىسرائىلىيەنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي، تەخمىنەن 250 مىڭ پەلەستىنلىك ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان رامىزاننىڭ ئىككىنچى جۈمە نامىزىنى مەسجىدى ئەقسادا ئوقۇدى.

1968272
مەسجىدى ئەقسادا تەخمىنەن 250 مىڭ مۇسۇلمان رامىزاننىڭ ئىككىنچى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى
mescid-i aksa cuma namazi.jpg
mescid-i aksa cuma namazi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزىنى ئوقۇماقچى بولغانلار، ھەرەم شەرىفكە تۇتىشىدىغان تار كوچا ۋە بازارلارنى تولدۇردى.

ھەر قايسى ياشتىكى ئەر، ئايال ، چوڭلار ۋە بالىلار ھەرەم شەرىفنىڭ باغلىرى ۋە ھويلىلىرىنى شۇنداقلا مەسجىدى ئەقسا ئىچىدىكى ھوجرىلارنى تولدۇرۇپ سەپ تۇتتى.

قۇددۇس ئىسلام فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، مەسجىدى ئەقسادا رامىزاننىڭ ئىككىنچى جۈمە كۈنى 250 مىڭ كىشى جۈمە نامىزى ئوقۇغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رامىزاننىڭ ئىككىنچى جۈمە نامىزىنى ئوقۇماقچى بولغان ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىن قۇددۇسقا كىرمەكچى بولغان نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆتۈشىنى توسۇۋالغان.

غەربىي قىرغاقتىن شەرقىي قۇددۇسقا تۇتىشىدىغان يول ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كىملىك ​​تەكشۈرۈپ، 55 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر