مىسىردا ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئولتۇراق رايون تېپىلدى

مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى لۇكسور شەھىرىدە، رىم دەۋرىگە ئائىت تەخمىنەن 2 مىڭ يىللىق ئولتۇراق رايون تېپىلدى.

1937442
مىسىردا ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئولتۇراق رايون تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ساياھەت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، لۇكسور شەھىرىنىڭ شەرق تەرەپتىكى لۇكسور بۇتخانىسىغا قوشنا رايوندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 30 - يىلدىن مىلادىدىن كېيىنكى 395 – يىللىرىغا تەۋە رىم دەۋرىدىن قالغان تۇنجى ئولتۇراق رايوننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەدىمكىي تېبېس ئانتىك شەھىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بۇ رايوننىڭ لۇكسور ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى «ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمكىي ئولتۇراق رايون» سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھازىر لۇكسور شەھىرى دەپ بىلىنىدىغان تېبېس شەھىرى، قەدىمكىي مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

قەدىمكىي تېبېس ۋە مازالىقلىرى 1979- يىلىدا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر