تايسون فۇرى «يېڭىلمەس بوكس ماھىرى» ئۇنۋانىنى ساقلاپ قالدى

ئەنگلىيەلىك بوكىس ماھىرى تايسون فۇرى 60 مىڭ تاماشىبىن قاتناشقان مۇسابىقىدە ۋەتەندىشى دېرېك چىسورانى مەغلۇب قىلدى ۋە دۇنيا بوكىس كېڭىشى (WBC) ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپېيونلۇق كەمىرىنى ساقلاپ قالدى.

1914490
تايسون فۇرى «يېڭىلمەس بوكس ماھىرى» ئۇنۋانىنى ساقلاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا توتتېنھام خوتسپور تەنتەربىيە زالىدىىكى 10 - ئايلانما مۇسابىقىدە تايسون فۇرى دېرېك چىسورانى يەڭدى.  

رېپىرنىڭ جىسمانى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراش سەۋەبىدىن مۇسابىقىنى توختىتىشى بىلەن غەلىبە قىلغۇچى ئېلان قىلىندى.

بۇ نەتىجە بىلەن «سىگان پادىشاھى» دەپمۇ نام ئالغان تايسون فۇرى 33 - قېتىملىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ۋە «يېڭىلمەس بوكس ماھىرى» ئۇنۋانىنى داۋاملاشتۇرغان بولدى.

دېرېك چىسورا بولسا 46  مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 13 قېتىم يېڭىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر