فىرىدانىڭ ئەخلەتكە تاشلىۋىتىلگەن رەسىمى 8 مىليون 630 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

دۇنياغا داڭلىق مېكسىكالىق رەسسام فىرىدا كاھلونىڭ ياقتۇرماي ئەخلەتكە ئاتقان رەسىمى تالاشتۇرۇپ سېتىشتا 8 مىليون 630 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

1908360
فىرىدانىڭ ئەخلەتكە تاشلىۋىتىلگەن رەسىمى 8 مىليون 630 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرىدا كاھلونىڭ 1933 – يىللىرى سىزغان ۋە ياقتۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن  «ئىنتايىن سەت رەسىمىم» دەپ نام بەرگەن، ئاندىن ئەخلەتكە تاشلىۋەتكەن رەسىمى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇيوركتىكى كىرىستى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىدە نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن سېتىشقا سۇنۇلدى.

فرىدانىڭ نادىر ئىشلىتىدىغان تام رەسىم تېخنىكىسى بىلەن سىزغان 22.2 دىن 27.3 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئۆز تارتىم رەسىمىنى سېتىشقا سۇنۇشتىن ئىلگىرى 7 مىليوندىن 10 مىليون دوللارغىچە سېتىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ئىدى.  رەسىم 8 مىليون 630 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

فرىدانىڭ ئەخلەتكە ئاتقان ئەسىرىنى لۇسىيېن بىلۇچ ناملىق بىر دوستىنىڭ تاپقانلىقى ۋە ئۇنى مەخپىي ھالدا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىگە ساتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى فرىدا كاھلونىڭ «دىياگو ۋە مەن» ناملىق ئەسىرى 34 مىليون 900 مىڭ دوللارغا سېتىلغان ئىدى. بۇ ئەسەر سەنئەتكارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان رەسىمىگە ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر