«ئاياسوفيا جامەسى» دە ئارىدىن 88 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلدى

ئىستانبۇلدىكى «ئاياسوفيا جامەسى» دە ئارىدىن 88 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلدى.

1805991
«ئاياسوفيا جامەسى» دە ئارىدىن 88 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ سىمۋولى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدىغان ۋە ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەن «ئاياسوفيا جامەسى» دە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2 يىل كېچىكىپ ئوقۇلغان تەراۋىھ نامىزى، جامائەتنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى.

جامەنىڭ ئىچىدىن سىرت يەنە، «سۇلتانئەھمەد مەيدانى» مۇ، تۇنجى تەراۋىھ نامىزىدا سەپتە تۇرۇش ئۈچۈن ناماز شامدىلا جامەگە كېلىشكە باشلىغان جامائەت بىلەن تولۇپ تاشتى.

«ئاياسوفيا جامەسى» دە ئارىدىن 88 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوقۇلغان تەراۋىھ نامىزىدا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ئىمام بولدى. تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن، جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلغان ئەرباش، جامائەتنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئاياسوفيا جامەسى» رامىزان ئېيى بويىچە 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر