«ياڭاق دەرىخى» ناملىق فىلىم ئامېرىكادا ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

دۆلەت ئىچى ۋە  سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق فېستىېۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «ياڭاق دەرىخى» ناملىق فىلىم ھەرقايسى دۆلەتلەردە كىنو- فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1748299
«ياڭاق دەرىخى» ناملىق فىلىم ئامېرىكادا ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن تېخىچە كىنۇخانىلاردا قويۇلمىغان بۇ فىلىم، ئامېرىكادا 23 يىلدىن بۇيان نوپۇزلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان سەنئەتكارلار مۇنبىرىنىڭ «6-نۆۋەتلىك يۆتكىلىشچان كۆرۈنۈش فېسىتىۋالى» دا، «ئەڭ ياخشى فىلىم» ۋە «ئەڭ ياخشى ئارتىست»  مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.  

«ياڭاق دەرىخى»  ناملىق فىلىم ئۆكتەبىردە 7-نۆۋەتلىك بالقان پانوراما كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» ۋە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نويابىردا لوندون شەھەر كىنو فېستىۋالىدىمۇ «ئەڭ ياخشى چەتئەل فىلىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

«ياڭاق دەرىخى» ناملىق فىلىم فېستىۋاللارغا قاتنىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ يەنە 20- دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان ئانتاكيا كىنو فېستىۋالىغا، ئاندىن مارتتا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان لېئونىد خروموۋ خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالىغىمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر