31.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1700099
31.08.2021

 

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئەبۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى (مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان) نىڭ  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى  بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ناچارلاشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، «بىخەتەرلىك دوكلاتى ئاگاھلاندۇرمەقتا. لىۋاندا ئىجتىمائىي پارتلاش مۇقەررەر ھالغا كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى خاتىرىلىگەن ب د ت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 55 پەلەستىنلىكنىڭ ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ئوقلىرىدا شەھىد بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى»، گېرمانىيەنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا، 47 مىڭ 400 پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ يېقىنقى 28 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ۋە 8-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %3.9 بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹Wiener Zeitung› گېزىتى»، ئاۋىستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزنىڭ بېرلىندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە  ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەمىشە سوغۇق بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئاۋسترىيە بىلەن پولشانىڭ ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق قانىتىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پېرۇدا چىقىدىغان «‹El Comercio› گېزىتى»،  20 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ، دۆلەتنى تالىبانغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «‹La Jornada› گېزىتى»، مېكسىكادىكى ساغلاملىق خەۋىپىدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتېتى (كوفېپرىس) نىڭ كۇبا ۋاكسىنىسى «ئابدالا» توغرىسىدا ئىجابىي پىكىر بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيانىڭ: «بىز ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئافغانىستان توغرىسىدىكى قارارىغا بىتەرەپ بېلەت تاشلىدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ ئىركۇتسك رايونىدىكى بىر شىركەتنىڭ خىتايغا ياغاچ ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ « ئىزۋېستىيا گېزىتى»، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ئالېكسېي ئارېستوۋىچنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ دۆلەتكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «رۇسىيە بىزنىڭ بەشىنچى چوڭ سودا شېرىكىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، 20 يىللىق ھەربىي مەۋجۇتلۇق ۋە جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بەش ئاي كېچىكىشىدىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كابۇلدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە تىز ئۆزگىرىش كۈچىگە ئىگە يېڭى بىر كوۋىد-19  ۋىرۇسى تۈرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيېتسارىيەدە چىقىدىغان «‹لې مارتىن›  گېزىتى»، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن پۇقرالىرىنى «شىۋېيېتسارىيەگە ساياھەتكە بارماسلىق» قا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر