قۇربان ھېيت تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

قۇربان ھېيت تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1251312
قۇربان ھېيت تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە
kurban bayrami namaz4.jpg
kurban bayrami namaz3.jpg
kurban bayrami namaz2.jpg
kurban bayrami namaz1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تاڭ سەھەردە جامەلەرگە سەلدەك ئاقتى، ھېيت نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىر – بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە بېرىپ، قۇربانلىق قىلدى.

ئۇدا 4 كۈن داۋاملىشىدىغان قۇربان ھېيت بويىچە، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە يېقىن – يورۇقلار زىيارەت قىلىنىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيتنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىمەكتە.

قۇربان ھېيت ھاياجىنى تاڭ سەھەردە ئوقۇلغان ھيېت نامىزى بىلەن تەڭ باشلاندى.

ئاۋىستىرىيالىيەدە جامەلەر ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋە قۇربانلىق گۆشلىرىنى  ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن تولۇپ تاشتى. مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن  بىر – بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.

فىلىپپىندىكى باڭسامورو ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان مورو مۇسۇلمانلىرىمۇ ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مىنداناۋ ئارىلىدائىبادەت قىلىشقا بولىدىغان جايلاردا ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. تۈركىيەدىن رايونغا كەتكەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پىدائىيلىرىمۇ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى.

خىتاي، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ مۇسۇلمانلار تاڭ سەھەردە جامەلەرگە سەلدەك ئاقتى،  ھېيت نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىر – بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر