تراكتور بىلەن سىزىلغان رەسىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئىتالىيە بىر دېھقان ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا تراكتور بىلەن 135 مېتىرلىق رەسىم سىزدى.

765133
تراكتور بىلەن سىزىلغان رەسىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋېنېتو رايونىدا بىر دېھقان تراكتورى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

دارىئو گامبارىن ئىسىملىك دېھقان ئېتىزلىقىنى ئوراپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ھامبورگ شەھىرىدە 7 – ئىيۇلدىن 8 – ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئاتاپ، ئېتىزلىقىغا پۇتىنىڭ 135 مېتىرلىق رەسىمىنى يانتۇ قاراپ تۇرغان شەكىلدە سېزىپ چىقتى.

دارىئو گامبارىن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىدا دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەممەيلەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئىقتىساد ۋە كۆچمەنلىك ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشغا يول ئېچىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.  سۆھبەتلىشىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلەر بار. مەسىلەن؛ ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە يادرولۇق قوراللار مەسلىسى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى سايلاملارغا رۇسىيە ئارىلىشىۋالدى... دېگەندەك ئەيىبلەشلەر» دېدى.

دارىئو گامبارىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، كوبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فىدەل كاستىرو، كاتولىك خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي رەھبىرى پاپا فىرانجىس ۋە باشقا سىياسىي رەھبەرلەر بىلەن ئاتاقلىق شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر