تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇلىدۇ

تۈرك دۆلەتلىرى ئارا ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە  تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇلىدۇ.

2141144
تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ 500 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنى قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ نىشانىمىز، تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.»

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى دۆلەتلىك ۋە خۇسۇسىي سېلىنمىلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى لايىھەلەر تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىدىكەن.

تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا  ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن، ئۇل ئەسلىھە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق سېلىنمىلارنى كۆپەيتىپ، سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر