تۈركىيەگە سېلىنىۋاتقان چەت ئەل مەبلىغى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە خەلقئارا مەبلەغ 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى.
2139558
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتى خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 3-ئايدا تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە خەلقئارا مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 336 مىليون دوللارغا، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا بولسا 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەن.
بۇ مەزگىلدە، پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى ساھەلىرىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان.
بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى % 58 ئۈلۈش بىلەن تۈركىيەگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.
بۇ مەزگىلدە، گوللاندىيە % 25 لىك ئۈلۈش بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى % 21 ئۈلۈش بىلەن ئىككىنچى، گېرمانىيە % 12 ئۈلۈش بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.