تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى مارت ئېيىدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا % 0.1 ئازىيىپ، ٪8.6 كە تۆۋەنلىدى.

2138112
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى 2024 – يىلى مارت ئېيىدىكى ئەمگەك كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 3-ئايدا ئىشسىز قالغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 19 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، 3 مىليون 57 مىڭ كىشىگە تۆۋەنلىگەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا مارت ئېيىدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا % 0.1 ئازىيىپ، ٪8.6 كە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر