تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ئاشتى.
مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ساھەسى 4-ئايدا 279 مىڭ 88 توننا مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا سالدى.
بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ پەمىدۇر، قىزىلمۇچ ۋە لىمون ئېكسپورت قىلىندى.
بۇ يىلنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئەڭ كۆپ ئېكىسپورت قىلىنغان دۆلەت رۇسىيە بولدى. رۇسىيەگە قىلىنغان مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتىدىن 45 مىليون 64 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى.
رۇسىيەدىن قالسا رۇمىنىيەگە 36 مىليون 524 مىڭ دوللارلىق، ئۇكرائىناغا 24 مىليون 955 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.