تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ پەقەت ئاپرېل ئېيىدىكى ئېكسپورت كىرىمىلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 0.1 ئېشىپ، 19 مىليارد 271 مىليون دوللارغا يەتتى.
يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدىكى ئېكسپورتى بولسا % 2.7 ئېشىپ، 82 مىليارد 873 مىليون دوللارغا يەتتى.
بۇ مەزگىلدە 17 ۋىلايەتنىڭ ئېكىسپورتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، 54 ۋىلايەتنىڭ ئېكسپورتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
4-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ئېكىسپورتى 4 مىليارد 75 مىليون دوللارغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئىستانبۇل بىرىنچى رەتكە تىزىلدى.
كوجائەلى ۋىلايىتى 2 مىليارد 439 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتى بىلەن 2-رەتكە، ئىزمىر ۋىلايىتى 1 مىليارد 843 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتى بىلەن 3 – رەتكە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.