تۈركىيە - گېرمانىيە «پۇرسەت» يىغىنى چاقىرىلىدۇ
8-نۆۋەتلىك تۈركىيە – گېرمانىيە ئىقتىساد كۈنى يىغىنى ئەتە (4 – ماي) گېرمانىيەنىڭ دۇسسېلدورف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2135230
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بىلەن گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى كرىستىيان لىندنېرنىڭ قاتنىشى كۈتۈلمەكتە.
يىغىندا تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن سودا سودا – سانائەتچىلەر ۋە سىياسىيونلار نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر، يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ كېلەچىكى، سۈنئىي ئەقىل دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن دائىرىسىدە، شىركەتلەر ئارا ھەمكارلىق سۆھبەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.