مىنىستىر بولات پېتېر سىججارتو بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر سىججارتو بىلەن كۆرۈشتى.
2134926
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىندىن كېيىن، ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر سىججارتو بىلەن كۆرۈشكەن بولات، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «كۈچلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىمىز شۇنداقلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز بولغان ۋېنگىرىيە بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 5.7 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىل (2024) بىرىنچى پەسىلدە %5.7 تەرەققىي قىلدى.