تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە بەزى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە 54 مەھسۇلات تۈرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلدى.

2126217
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەگە بەزى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەگە بەزى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيەگە قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈردىن پولات مەھسۇلاتلىرىغىچە، مەرمەردىن ساپال بۇيۇملارغىچە بولغان مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە 2024-يىلى 9-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى قارار قىلدى. قارار مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق تەرىپىدىن دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ. چەكلىمىلەر ئىسرائىلىيە غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغۇچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە ئۈزۈكسىز يەتكۈزۈلىشىگە رۇخسەت قىلغۇچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر