ئەردوغان: پۇل پاخاللىقىنى قايتىدىن بىر خانىگە چۈشۈرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزمەستىن پۇل پاخاللىقىنى قايتىدىن بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2083299
ئەردوغان: پۇل پاخاللىقىنى قايتىدىن بىر خانىگە چۈشۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2023-يىللىق ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز تاشقى سىياسىتىمىزنى تۈركىيەنى مەركەز قىلغان دۇنياۋى نەزەر بىلەن شەكىللەندۈردۇق، بۇنىڭدىن قەتئىي قايتىش يوق» دېدى.

ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزمەستىن، پۇل پاخاللىقىنى قايتىدىن بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن چىقىرىۋېتىمىز» دېدى.

2023-يىلى ئېكىسپورتنىڭ  بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %0.6 ئېشىش ئارقىلىق 255 مىليارد 809 مىليون دوللارغا يېتىپ، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئىيۇل، ئاۋغۇست، ئۆكتەبىر، نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدا ئېكسپورت ئەڭ يۇقىرى  سەۋىيەگە يەتكەن ئايلار بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2023-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە يىللىق مۇلازىمەت ئېكسپورتى 99 مىليارد 254 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى» دېدى.

2002-يىلى ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېكسپورتنىڭ 3 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېكسپورتنىڭ 21 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، (ھۆكۈمەتنىڭ) ئېكسپورت قىلغۇچىلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «مەقسىتىمىز تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى تونۇلمىغان ۋە ئېكسپورتچىلىرىمىز قەدەم باسمىغان دۆلەت قالدۇرماسلىقتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر