دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سومالىغا ياردەم قىلدى
دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) سومالىغا جەمئىي 4 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قەرز ياردىمى بېرىشنى تەستىقلىدى.
2076591
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ ئورتاق باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سومالىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن قارار چىقىرىلغان.
ئېغىر قەرز يۈكى ئاستىدىكى نامرات دۆلەتلەرنى قوللاش پىلانىغا ئاساسەن، سومالىغا 4 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قەرز بېرىلىدىكەن.
سومالى ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1992 – يىلدىن بۇيان سومالىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنى 2 – دېكابىر كۈنى بىكار قىلغانىدى.