لاگاردې مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختالدى

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى (ECB) رەئىسى كىرىستىنا لاگاردې، مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پۇل پاخاللىقى نىشانىغا يېتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2033105
لاگاردې مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى رەئىسى لاگاردې ياۋروپا ئىقتىساد ۋە پۇل- مۇئامىلە مەركىزى تەرىپىدىن لوندوندا ئۇيۇشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىشتا ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا مەزگىللىك پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ پۈتكۈل جەريان بويىچە مۇقىم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«ھازىر بىزنىڭمۇ باشقا مەركىزىي بانكىلارغا ئوخشاش، پۇل پاخاللىقىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز مۇھىم» دېگەن لاگاردې، لېكىن، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مۆلچەرلەش مۇساپىلىرىدە پىلانلارغا ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالاقە تىلىدىن پايدىلىنىپ، قاراشلىرىنى قايىل قىلارلىق شەكىلدە ئامما بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان لاگاردې، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پۇل پاخاللىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە بىزنىڭ %2 لىك نىشانىمىزغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىشەنچلىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزلۈكىدىن ھاسىل بولغان پۇل پاخاللىقى دىنامىكلىرى (مۆلچەرلىرى)نىڭ مۇقىملىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەمچى بولۇش نۇقتىسىدىن، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر