ئىران كەلگۈسىدە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى تۈركىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتى (NIGC) نىڭ باش دىرېكتورى ماجىد چەگەنى ئىران ئىشچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ILNA) غا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى پوزىتسىيەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ماجىد چەگەنى: «ئەگەر بىز تەبىئىي گازنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلماقچى بولساق، بۇنى تۈركىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى.
پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئومماننىڭمۇ ئىراننىڭ تەبىئىي گازىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماجىد چەگەنى، مۇزاكىرىلەرنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ دۆلەتلەردىن بەزىلىرى بىلەن توختام ئىمزالاش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇل- ئەسلىھەلەرنىڭ تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.