تۈركىيە ھەسەل ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ھەسەل ئېكسپورتىدىن 4 ئاي ئىچىدە 13 مىليون 500 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى.

1990864
تۈركىيە ھەسەل ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاھمەت ھامدى گۈردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىن 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 40 دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونغا ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى.»

«بۇ مەزگىلدە 4 مىڭ 142 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى، بۇنىڭدىن 13 مىليون 468 مىڭ 114 دوللار كىرىم قىلىندى.»

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە ئىسرائىلىيە بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان 3 دۆلەت بولدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 5 مىليون 256 مىڭ 178 دوللارلىق، گېرمانىيەگە 2 مىليون 110 مىڭ 292 دوللارلىق، ئىسرائىلىيەگە 1 مىليون 803 مىڭ 82 دوللارلىق ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى.»

ئۇ  تۈركىيەدىن ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، ھەمدە بۇز مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىرېلاندىيە كىرودىيە، رۇمىنىيە، ۋېنېزۇئېلا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەسەل سېتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر