تۈركىيەگە چوڭ ساياھەت پاراخوتلىرى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە

مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان ساياھەت پاراخوتى «سىرېنا» ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.

1989750
تۈركىيەگە چوڭ ساياھەت پاراخوتلىرى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە
amasra grande kruvaziyer.jpg
turist.jpg
sirena kruvaziyer.jpg
sirena kruvaziyer.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇزۇنلۇقى 181 مېتىر كېلىدىغان كاتتا ساياھەت پاراخوتى رودېس ئارىلىدا لەڭگەر تاشلىغاندىن كېيىن، ئانتالياغا قاراپ يول چىقىپ، ئەتىگەندە ئالانياغا يېتىپ كەلدى.

ئالانيا پورتىغا كەلگەن بۇ پاراخوتتا 641 يولۇچى ۋە 385 خادىم بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تاموژنا ررەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، پاراخوتتىن چۈشكەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەر قەدىمىي خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلدى يەنە بىر قىسمى  شەھەر ى مەركىزىنى سەيلە قىلىپ مال سېتىۋالدى.

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىن يولغا چىققان «ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتىمۇ ئاماسرا پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

ئوردۇدىن كېيىن 614 نەپەر يولۇچى ۋە 447 پاراخوت خادىمى بىلەن بارتىننىڭ ئاماسرا رايونىغا كەلگەن پاناما بايراقلىق پاراخوتتىن چۈشكەن ساياھەتچىلەرمۇ، رايوننىڭ تارىخىي ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ئاماسرا سالاتىنى تېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بېلىق ئاشخانىلىرىدا ھەر خىل تەملىك تاماقلارنى يىدى.

پاراخوتنىڭ كەچتە ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر