گابار تېغىدا يېڭى بۇرغىلاش باشلاندى
شىرناقنىڭ گابار رايونىدىن كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ گابار رايونى شېھىت ئايبۈكە يالچىن – 2 نېفىتلىكىدىكى بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، تۈركىيە كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى.
نېفىتلىقتىكى خىزمەتلەرنىڭ 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاماملىنىشى پىلانلانماقتا.
تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رايوندىن يېڭى نېفىتلىكلەرنى بايقاش ئۈچۈن بۇرغىلاش ئېلىپ بارىدۇ.
نېفىتلىكتە 80 بىلەن 100 ئارىلىقىدا قۇدۇق قېزىش پىلانلانماقتا. يېڭى بايقاشنىڭ قىممىتىنىڭ مىلياردلارچە دوللارغا يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز گابار تېغىدىكى نېفىتنىڭ سۈپىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.