ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى 10-قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈردى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (Fed) سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 نومۇر ئۆستۈرۈپ، 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان %5.25 كە چىقاردى.

1982570
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى 10-قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ بىردەك ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتى (FOMC) نىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىقىنى %2 كە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنى %5.25 كە چىقىرىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەن يىلى (2022) 3-ئايدىن باشلاپ 10-قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى، ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي 500 نومۇر ئۆستۈرگەن بولدى.

ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى ئالدىنقى يىلى 6-ئايدا يىللىقى %9 بولغان ۋە بۇ 1981-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يىل (2023) %5 بولغان ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى جېروم پاۋېل (Jerome Powell) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پۇل پاخاللىقىنىڭ %2 بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىدىن خېلى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈمنى چۈشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر