دۇنيا بانكاسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان ئېشىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا بانكاسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنىڭ 2022-يىلدىن 2030-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە %2.2 بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈشىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1966181
دۇنيا بانكاسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان ئېشىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسى «تۆۋەنلىگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش ئۈمىدلىرى: يۈزلىنىشلەر، ئىستىقبال ۋە سىياسەتلەر» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان دوكلاتتا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا سەۋەب بولماستىن ئاشىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك نىسبىتى 2030-يىلغىچە 30 يىلنىڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە چۈشىدۇ دەپ قارالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، بۇ ئېشىش نىسبىتىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «سۈرئەت چېكى» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىنقى 30 يىلدا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى كۈچەيتكەن ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئاجىزلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن دوكلاتتا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى 2022-يىلدىن 2030-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يىلىغا %2.2 كە تۆۋەنلەيدۇ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى، مەزكۇر رەقەمنىڭ بۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدىكى نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، مەزكۇر تۆۋەنلەشنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا قاتتىق بولىدىغانلىقى، 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 بولغان ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ قالغان 10 يىلدا %4 كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ياكى ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق يۈز بەرگەندە بۇ تۆۋەنلەشنىڭ تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

دوكلاتتا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە، كىلىماتقا ماس كېلىدىغان دېھقانچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇپراق ۋە سۇ سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئاساسىي كىلىمات نىشانىغا ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

سودا تەننەرخىنىمۇ ئازايتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، ئەمگەك كۈچلىرىگە قېتىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ «يېڭى موتورى» بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر