رەقەملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ گوللاندىيە بانكىلىرى شۆبىلىرىنى تاقىماقتا

گوللاندىيەدە رەقەملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىشى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن، ئىلگىرى يۈز تۇرانە قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تور مۇھىتىغا كۆچۈشى بىلەن بىرلىكتە، نۇرغۇن بانكىلار تارماقلىرىنى تاقاشنى قارار قىلدى.

1937146
رەقەملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ گوللاندىيە بانكىلىرى شۆبىلىرىنى تاقىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ RTL تېلېۋىزىيەسى گوللاندىيەدىكى بانكىلارنىڭ رەقەملىك بانكا مۇلازىمىتىنىڭ ئېىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن يۈزتۇرانە ئىش بېجىرىش مۇھىتىدىن يىراقلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، تارماقلىرىنى تاقىۋېتىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2000-يىللارنىڭ بېشىدا گوللاندىيەدىكى بانكىلارنىڭ شۆبە سانىنىڭ 6100 گە يەتكەنلىكى، نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ 420 گە چۈشۈپ قالغانلىقى، باشقىچە ئېيتقاندا، شۆبە سانىنىڭ %93 تۆۋەنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رەقەملىك بانكا مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، شۆبىلەردىكى مۇلازىمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تور مۇھىتىغا كۆچكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، بەزى شۆبىلەر  خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يىراق كەلگۈسىدە تاقالغان شۆبە سانىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر