تۈركىيە TOGG نى سىناق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

بۇرسادىكى گەملىك ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى — توگگ (TOGG)نى سىناق ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى.

1861519
تۈركىيە TOGG نى سىناق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «توگگ» تىۋىتتېردىكى رەسمىي ئادرېىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، گەملىك ماشىنىسازلىق زۇۋاتىدا سىناق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلانغانلىقىنى، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ سىناق ھەيدەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە مىنىستىر مۇش ئاپتوموبىلنى سىناق تەرىقىدە ھەيدەۋاتقان سىن كۆرۈنۈشىگىمۇ ئورۇن بېىرلگەن باياناتتا: «بۇ ئايلىق رەھبەرلىك ھەيئىتى يىغىنىمىزنى سىناق ئىشلەپچىقىرىشى باشلانغان گەملىك ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا ئاچتۇق. يىغىنىمىزدىن كېيىن زاۋۇتىمىزنى زىيارەت قىلغان سودا مىنىستىرىمىز مەھمەت مۇش بىلەن بىرلىكتە كېڭەش يىغىنى ۋە سىناق ھەيدەش پائالىيىتىنى ئىشقا  ئاشۇردۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، توگگ زاۋۇتىنىڭ 29-ئۆكتەبىر تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييار ھالەتكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر