تۈركىيە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى TOGG نى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىلى TOGG نىڭ مۇشۇ يىل (2022)نىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغانلىقى بىلدرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر، TOGG نىڭ يېڭى رەسىملىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ: «خەلقىمىز يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ ماشىنا تۈرى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىمىز. يىل ئاخىرىغىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىلى TOGG نى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى باشلانغان بولىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «نۆلدىن تۆۋەن 40 گرادۇسلۇق سوغۇق، قاتتىق قار ۋە مۇزلۇق ھاۋا شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنىڭ سىنلىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. TOGG بۇ سىناقلارنىڭ ھەممىسىدىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 5.7 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىل (2024) بىرىنچى پەسىلدە %5.7 تەرەققىي قىلدى.