تۇنىس بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز سودا يولى ئېچىلدى

تۇنىس بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز سودا يولى ئېچىلدى ۋە تۇنجى پاراخوت يولغا چىقتى.

1405422
تۇنىس بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز سودا يولى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى سفاكىس شەھىرى پورت دېرىكتورى ئەنەس كەممۇن 140 كونتەينېر ( ساندۇق) ھەر خىل يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان، سودا پاراخوتىنىڭ لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇسقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنەس كەممۇن پاراخوت سەپىرىنىڭ  48 سائەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سودا سەپىرىنىڭ ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە دەسلەپتە ئېكسپورت بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىس سودا مىنىستىرى مۇھەممەد ئەل مۇسەيلىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق لىۋىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى دېڭىز يولىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا  2013 - يىلى دېڭىز سودا يولى ئېچىلغان بولسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇ لايىھە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر