ئىراق پىرېزىدېنتى تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراق قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ، تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراق قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

1190548
ئىراق پىرېزىدېنتى تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراق قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بىرلىكى باشلىقى مىتھات يەنىگۈن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى باغدادتىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سالىھ ئىراق بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

ئىراقنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پىرېزىدېنت سالىھ، قۇرۇلۇش ۋە باشقا ساھەلەردە چوڭقۇر تەجرىبىگە ئىگە تۈرك شىركەتلىرىنى ئىراقنىڭ قۇرۇلۇشلارنى يېڭىلىش لايىھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

باش ئەلچى يىلدىزمۇ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئىراقتا چوڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تۈنۈگۈن «ئىراقنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈلۈش يولىدا تۈركىيە – ئىراق قۇرۇلۇش مۇنبىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلغانىدى.

يىغىنغا ئىراق سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ھاشىم ئەلئەۋنى ۋە تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىدىن باشقا يەنە تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بىرلىكى باشلىقى مىتھات يەنىگۈن بىلەن تۈركىيەلىك ۋە ئىراقلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىرى قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر