ئەردوغان ياۋروئاسىيا تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروئاسىيا تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى قىلغان سۆزىدە: «مەيلى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تېررورلۇق قىلىڭلار، مەيلى خالىغانچە پۈتۈن پەسكەشلەرنى توپلاڭلار، بۇ مىللەتنى ھەرگىز بۆلەلمەيسىلەر، قەتئىي پارچىلىيالمايسىلەر» دېدى.