ئىمپېرىيە ئىستېيت بىناسىغا يۈگرەپ چىقىش

نىيۇ يوركنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان 102 قەۋەتلىك ئىمپېرىيە ئىستېيت (Empire State) بىناسىغا چىقىش ئۈچۈن 40-قېتىملىق يۈگرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە 86-قەۋەتتە ئاخىرلاشتى. بىناغا لېفىت بىلەن چىققاندا بىر مېنۇت كېتىدىغان بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر تەخمىنەن 10 مىنۇتتا چىقىپ بولدى.