ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رافسانجانى ۋاپات بولدى

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانى يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ 1989-يىلدىن 1997-يىلىغىچە پىرېزىدېنت بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مېيىت نامىزى 10-يانۋار ئوقۇلىدۇ. ئىراندا ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى ۋە بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلدى.