ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

2142153
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا،  ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىجابىي ئىلگىرىلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ باسقۇچنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان رايوندا ئورنىتىلىدىغان ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە باشقا رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن يېڭى مۇھىت يارىتىدىغانلقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر