قۇرتۇلمۇش ئىران پارلامېنت باشلىقىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى ۋە تۈركىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىران پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد باقىر كالىبافقا تەزىيە بىلدۈردى.

2142463
قۇرتۇلمۇش ئىران پارلامېنت باشلىقىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتقا قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان قۇرتۇلمۇش، بۇ يەردە ئىران پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد باقىر كالىبافقا تېلېفون قىلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، قۇرتۇلمۇش ئالدىنقى كۈنى تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ۋە باشقا ئىران دائىرىلىرى ئۈچۈن كالىبافقا تەزىيە بىلدۈرگەن.

قۇرتۇلمۇش ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ۋە باشقا ئىران دائىرىلىنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن قازاقىستاندا ھەر خىل زىيارەتلەردە بولۇۋاتقاندا تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى ۋە خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن دوستانە ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىران خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، ئۇلارغا سەۋر-تاقەت تىلەيمەن. قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر