«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2142254
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. تېررورىزمغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»