ئەردوغان رەئىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىك ئۇچار ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.

2141643
ئەردوغان رەئىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تەزىيە تېلېگراممىسى تارقىتىپ: «مەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقان ھۆرمەتلىك مەنسەپدىشىم، قېرىندىشىم، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئىبراھىم رەئىسىگە جانابى ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمەن.

مەرھۇم رەئىسى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باشقا كىشىلەرگىمۇ رەھمەت تىلەيمەن.

دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە، بولۇپمۇ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي داھىيسى ئەلى خامەنېيگە، ھۆرمەتلىك رەئىسى ۋە ھادىسىدە قازا قىلغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.

ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئىران خەلقى ۋە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا بىۋاسىتە شاھىت بولغان بىر مەنسەپدىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھۆرمەتلىك رەئىسىنى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن.

تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرۇنقى نۇرغۇن قېتىمقىغا ئوخشاش، بۇ قىيىن ۋە قايغۇلۇق كۈنلەردە قوشنىمىز ئىراننىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر