تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىرانغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىراننىڭ 8 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەدىن ئىرانغا تەزىيە ئۇچۇرلىرى يوللانماقتا.

2141684
تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىرانغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا ئىرانغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «پاجىئەلىك ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم ئىرانغا ئەپەندىگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. ئائىلىسىگە،  دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە تەزىيەلىرىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى ئورتاقلىشىمەن. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان قاتارلىق ھادىسىدە قازا قىلغان باشقا مەرھۇملار ئۈچۈنمۇ تەزىيەلىرىمنى يوللايمەن» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋەپارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىبراھىم رەئىسى ۋە ئابدۇللاھىيان بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىران دۆلىتىگە ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، قېرىنداش ئىران خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر