رەئىسىنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى تاپقان «ئاقىنجى» دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا...

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى قاتارلىق ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى قالدۇقلىرىنى تاپقان تۈركىيەنىڭ «ئاقىنجى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى غۇلغۇلا قوزغىدى.

2141914
رەئىسىنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى تاپقان «ئاقىنجى» دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى قاتارلىق ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قالدۇقلىرىنى تاپقان تۈركىيەنىڭ «ئاقىنجى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ بېل-212 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەزەربەيجاندىن قايتىش يولى ئۈستىدىكى تەبرىز تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەن لەھزىلەردىن باشلاپ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغان ئىران، ئۇدا نەچچە سائەت بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

كەچ بولغاندا، ئىران تۈركىيەدىن كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە تىك ئۇچار تەلەپ قىلدى. شۇ ھامان تۈركىيەدىن قوزغالغان «ئاقىنجى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى  تەبرىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارنى ئىزدەشنى باشلىدى. 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىۋاسىتە كۆزەتكەن «ئاقىنجى» بىر قانچە سائەت ئىچىدە رەئىسىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپتى.

تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «دەۋر خەۋەرلىرى» گېزىتى، «بايراقتار ئاقىنجى ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يېرىنى بايقىغان تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا ئايلاندى» دېگەن تېمىدا خەۋەر تارقاتتى ۋە ئىرانلىقلار نەچچە سائەت قىلالمىغان ئىشنى تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«ئاقىنجىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە توختالغان گىرېتسىيەنىڭ «پېنتاپوستاگما» گېزىتى بولسا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى «تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى — ئاقىنجى ئىران تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى تاپتى. رەئىسى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ جەسەتلىرى تېپىلدى» دېگەن تېمىدا  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گىرېتسىيەنىڭ «Onalert» گېزىتى بولسا، «ئىراندا تىك ئۇچار ھادىسىسى يۈز بەردى... تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئاقىنجى <ئىسسىقلىق مەنبەسى>نى بايقىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر