ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىنسان ھەق - ھۇقۇقلىرى ۋە ھۆررىيەتلىرى/ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (IHH) پەلەستىننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئايا سوفىيا جامى شەرىپنىڭ ئالدىدىن ئىمىنۆنۆ مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

2141272
ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:كەچتە ئايا سوفىيا جامى شەرىپنىڭ ئالدىغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشى قولىدىكى مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ، ئىمىنۆنۆ مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قورچاقلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ چىققان نامايىشچىلار،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا نارزىلىق بىلدۈردى.

نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشقان يۈرۈشنىڭ ئاخىرىدا، ئىمىنۆنۆ مەيدانىدا قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا قىلىندى.

سەنئەتچى مۇرات بوزكۇرت پەلەستىن ئۈچۈن ناخشىسىنى ئورۇندىدى.

يۈرۈشكە قاتناشقان فىرانسىيەلىك پائالىيەتچى ۋە خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى فرانك رومانو نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ۋە ئەمىنۆنۆ ئالدىغا يېغىلغان خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پروفېسسور فرانك رومانو غەززەگە بارىدىغان فىلوت ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «مەن فىلوتلارنىڭ يولغا چىقىشىدىن ھەرگىز ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم.  ئەلۋەتتە يولغا چىقىمىز. قىرغىنچىلىقنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۈمىدىمنى يوقۇتۇپ قويمىدىم. ئىشىنىڭلاركى، پەلەستىن خەلقى سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ» دېدى.

ئىستانبۇلدا 20 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بايازىت مەيدانىغا يىغىلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر