تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزغا رەسىملىك نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان رەسىملەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

2141199
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزغا رەسىملىك نارازىلىق بىلدۈردى
gazze bebek.jpg
gazze bebek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن رەسىملىك ئۇچۇرىغا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزغا بەرگەن جاۋابىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

ئۇچۇردا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار شۇنداقلا كېپەنلىك جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان غەززەلىكلەر ۋە ئاممىۋى قەبرىلەر  كۆرستىلدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك يازما ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر