فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىدە خەلققە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2141208
فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىدە خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «41 - نۆۋەتلىك تۈركىيە كۈنى يۈرىشى» مۇناسىۋىتى بىلەن مادىسون مەيدانى باغچىسىدىكى تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتى پائلىيىتىدە خەلققە سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق خىتاب قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن 80 يىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا كۈندىن-كۈنگە تەسىرى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىك بىر پارچىسىغا ئايلانغان تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ «تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە دىپلومات پۇقرالىرى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز سىلەرنىڭ ئامېرىكادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىچىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىڭلارنى ۋە ئەشۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك بىر پارچىسىغا ئايلىنىشىڭلارنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تىنچلىق، دېموكراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەھەتتە ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگە ، تەخمىنەن 70 يىلغا يېقىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكاخەلقلىرىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن يەنە، ئامېرىكا مەسئۇللىرىدىن مۇسۇلمان ۋە تۈرك جامائىتىگە قارىتا ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا  قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر