تۈركىيە ئافغانىستانغا 24 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلدى

ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن تۈركىيە ئەۋەتكەن 24 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلان مازار-شېرىف ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

2141023
تۈركىيە ئافغانىستانغا 24 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازار-شېرىف ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى 2 مىڭ ئەدىيال، 14 مىڭ 300 كىلوگىرام يېمەكلىك ۋە 7 توننا دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان باغلان، تاھار ۋە بەدەخشان ۋىلايەتلىرىدىكى تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

11-5-ماي كۈنلىرى قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە بەدەخشان، تاھار ۋە باغلان ۋىلايەتلىرىدىكى 21 ناھىيە  ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىدى.

كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئافغانىستاندا قىش ئايلىرىدا ياغقان قارنىڭ ھاۋارايىنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئېرىشى، قارا يامغۇر نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەم مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ دۆلەتتە ھەر يىلى كەلكۈن ئاپىتىدە يۈزلەرچە ئادەم ئۆلۈپ كەتمەكتە.

ئافغانىستاندا پات-پات يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېيىن، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار ھەمكارلىشىپ تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر