تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن

تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بەھرەين خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2141031
تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا،  33 – ۋە 34 – نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا 16-ماي كۈنى ماقۇللانغان «بەھرەيىن خىتابنامىسى» گە  پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىدىن ئەنقەرەنىڭ ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ قارارلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىشى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كونكرېت تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئەلخەلىفە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،   «بەھرەيىن خىتابنامىسى» دە، «غەززە رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا شەرقتە خەلقئارالىق تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىنغانلىقى» نى تەكىتىگەنىدى.

رەھبەرلەر باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىدە، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرى، پەلەستىن پۇقرالىرىغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر